Uyghurئاساسىي لۇغەت
قان شورىغۇچى قۇرت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بۇرۇن جۇڭگونىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى13 ئۆلكىدە كىچىككىنە قان شورىغۇچى قۇرت ئەمگەكچى خەلقلەرگە مىسلىسىز ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ، سانسىزلىغان جانغا زامىن بولغانىدى، شۇڭا كىشىلەر تەرىپىدىن »ۋابا ئىلاھى« دەپ ئاتالغانىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش كومىتېتىنى قۇرۇپ، تۈمەن مىڭلىغان ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ قان شورىغۇچى قۇرتقا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.1958 - يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈيجياڭ ناھىيىسىدە بىرىنچى بولۇپ قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى يوقاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەي، شەپەقنى كۈتۈپ، جەنۇب تەرەپكە قاراپ «ۋابا ئىلاھىنى ئۇزىتىش» دېگەن شېئىرىنى يازغان. شېئىردا ئۆتمۈشكە ھەسرەتلىنىپ: «بولدى كۈرمىڭ يېزا كەتتى ئەل مادارىدىن»، «قانچە يۇرت خارابىسىدا قىلدى جىن نەغمە - ناۋا» دەپ يازغان. بۈگۈنكىسىنى مەدھىيلەپ: «تولدى جۇڭگو ئالتە يى ياۋ - شۈن كەبى پالۋان بىلەن»، «نەگە بارغايسەن ۋابا جاناب ئەمدى قېچىپ، قىل سەپەر قەغەز قېيىقتا ئۆرتىنىپ گۈلخان بىلەن» دەپ يازغان.
قان شورىغۇچى قۇرت ئادەم ياكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە پارازىت ياشايدىغان بىر خىل پارازىت قۇرتى. دۆلىتىمىزدە بۇرۇن تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى20 مىللىمېتىر كېلىدىغان ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرتى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ يېتىلگەن قۇرتىنىڭ ئانىلىق - ئاتىلىقى ئايرىم تەندە بولىدۇ، دائىم ئۆزئارا قۇچاقلىشىۋالىدۇ، ئادەمنىڭ ئۈچەي بېغىشىدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرى ئىچىدە چېتىشىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، ئىچىدە تۈكلۈك لىچىنكىسى بولغان تۇخۇم قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە كىرىدۇ ياكى قان ئېقىمىغا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ ئۈچەي دىۋارىغا كىرىدۇ. بۇ جەرياندا تۈكلۈك لىچىنكا تەدرىجىي يېتىلىپ ئۈچەي بوشلۇقىغا كىرىدۇ ھەمدە چوڭ تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بەدەن سىرتىغا چىقىرىلغان قۇرت تۇخۇمى سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، تۈكلۈك لىچىنكا تۇخۇمدىن چىقىدۇ؛ ئەگەر بۇرغىسىمان قۇلۇلىگە يولۇقسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جىنسسىز كۆپىيىپ، نۇرغۇنلىغان سپوروتسىست ھاسىل قىلىدۇ. سپوروتسىست يېتىلگەندىن كېيىن قۇيرۇقلۇق لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ. بىر تال تۈكلۈك لىچىنكا قۇلۇلە تېنىگە كىرگەندىن كېيىن كۆپىيىپ بىرقانچە10 مىڭ ھەتتا نەچچە100 مىڭ تال قۇيرۇقلۇق لىچىنكا ھاسىل قىلىدۇ. قۇيرۇقلۇق لىچىنكا قۇلۇلە تېنىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، سۇدا لەيلەپ يۈرىدۇ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ تېرىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنىڭ تېنىگە تېشىپ كىرىپ، ئاندىن ئۈچەي بېغىشىدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرىغا كىرىپ، يېڭى بىر قېتىملىق ھايات تارىخى ئايلىنىشىنى باشلايدۇ.
ئادەم قان شورىغۇچى قۇرتنى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. يۇقۇملانغان قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ئەمگەك كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ؛ بالىلار نورمال يېتىلەلمەي پەتەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئاياللار تۇغماس بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
بۇرغىسىمان قۇلۇلە قان شورىغۇچى قۇرتنىڭ بىردىنبىر ئارىلىق پارازىت ئىگىسى، بۇرغىسىمان قۇلۇلىنى يوقىتىش قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى يوقىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەت ۋە سۇ مەنبەسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قۇرت تۇخۇملىرى بار تەرەتنىڭ بۇرغىسىمان قۇلۇلە بار سۇغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىلا، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقاتقىلى بولىدۇ.
بىئولوگىيە
شىستوزوما قۇرتىمۇ دېيىلىدۇ. شورىغۇچى قۇرتلار سىنىپىنىڭ يېرىق تەنلىك شورىغۇچى قۇرتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئادەم ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە پارازىتلىنىپ قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئىككى شورىغۇچ تەخسىسى بولىدۇ؛ ئېغىز شورىغۇچ تەخسىسى قۇرت تېنىنىڭ ئالدىنقى تەرىپىدە؛ قورساق شورىغۇچىسى رومكىسىمان ئۆسۈپ چىققان، ئېغىز شورىغۇچىسىدىن چوڭراق بولىدۇ. تاق جىنسلىق، لېكىن ئەركەك بىلەن چىشىسى دائىم قۇچاقلىشىپ تۇرىدۇ. ئەركەك قۇرت سۈت رەڭلىك، سىرتقى شەكلى دىقماقراق، ئۇزۇنلۇقى 10 - 20 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 5.0 مىللىمېتىر، تېنىنىڭ ئىككى يېنى قورساق شورىغۇچىسىنىڭ تۆۋىنىدىن باشلاپ قورساق تەرىپىگە قاراپ يۆگىلىپ چىشى قۇرتنى قۇچاقلاش ئېرىقىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. چىشىسى قارامتۇل، ئەركەك قۇرتقا قارىغاندا سوزونچاقراق، ئالدى تەرىپى ئىنچىكە، كەينى توم، ئۇزۇنلۇقى 20 - 25 مىللىمېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 3.0 مىللىمېتىر، دائىم ئەركەك قۇرتنىڭ قۇچاقلاش ئېرىقىدا ياتقان بولىدۇ. يېتىلگەن قۇرت پارازىت خوجايىنىنىڭ قاپقا ۋېناسىدا پارازىتلىنىپ، تۇخۇم سېلىش ۋاقتىدا ئۈچەي دىۋارىغا يېقىن ئورۇنغا يۆتكىلىپ، ئۇششاق (مىكرو) قان تومۇرلارغا تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمى ئېللىپس شەكىللىك، قېپى يوق، ناھايىتى كىچىك بىر ئىلمەك يان تىكىنى بولىدۇ، تۇخۇم رەڭگى سۇس سېرىق، شاكىلى نېپىزراق، پارازىت خوجايىنىنىڭ ئۈچەي دىۋارىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، پارازىت خوجايىنىنىڭ گەندىسى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىلىدۇ. تۇخۇمى سۇغا كىرگەندىن كېيىن تۇخۇمدىن تۈكلۈك لىچىنكا چىقىرىپ ئارىلىق خوجايىنى مىخچە قۇلۇلىنىڭ بەدىنىگە كىرىدۇ. تۈكلۈك لىچىنكا مىخچە قۇلۇلىنىڭ تېنىدە ئانا سپورۇتسىستقا ئايلىنىپ، جىنسىز كۆپىيىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان سپوروتسىستلارنى ھاسىل قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ، <قۇيرۇقلۇق لىچىنكا> غا ئايلىنىدۇ - دە، يەنە قۇلۇلە تېنىدىن چىقىدۇ، سۇدا ئادەم ۋە ئۆي ھايۋانلىرىغا ئۇچرىسا، تېرە ئارقىلىق كىرىپ شىستوزوما بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوڭ كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، بالىلار نورمال يېتىلەلمەي پاپا بولۇپ قالىدۇ، ئاياللار تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ئېغىر بىمارلار ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. شىستوزومازىس كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، كېسەلنى تەكشۈرۈپ داۋالاش، شۇنداقلا ئارىلىق خوجايىننى - مىخچە قۇلۇلىنى يوقىتىش، گەندە تۇرۇبىسى (قانىلى)، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ھەمدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.