Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانلىق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خانلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قېنى بار، قېنى بولغان.
قانغا بويالغان، قان يۇقۇپ قالغان، قان چاچراپ تۇرىدىغان.
قانلىق قىلىچ.
قانلىق گەۋدىنىڭ كىملىكىنى، بىر قاراپلا تونۇغىلى بولمايتتى.
قانغا تولغان، قان ئارىلاش.
قانلىق كۆزلەر.
ئۇ ئىپلاس دىققەتسىزلىكتىن قانلىق پاتقاققا دومىلاپ چۈشتى.
ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە قاتارلىقلارنى ئەسكە سالىدىغان ۋە ياكى شۇلاردىن قېلىپ قالغان.
قانلىق داغ. قانلىق ئۆتمۈش. قانلىق يىللار.
قان تۆكۈش، قۇربانلار بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان قان تۆكۈش بىلەن سادىر بولىدىغان؛ ھايات - ماماتلىق.
قانلىق كۈرەش. قانلىق قەسەم. قانلىق ئىنتىقام.
كۆچمە. قاتىللىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، كەچۈرگىلى بولمايدىغان، كەچۈرگۈسىز، ناھايىتى ئېغىر.
سارايدا بولۇۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، خان - پادىشاھلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، غەلىبە تەنتەنىلىرى ۋە قانلىق جازالار خۇددى چۈشتىكىدەك كۆرۈنەتتى.