Uyghurئاساسىي لۇغەت
قالاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قوشۇق (شېۋە)
قازان بىلەن قالاقمۇ غىچىرلىشىپ قالىدۇ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئارقىدا قالغان. ئانتونىمى: ئىلغار، ئاكتىپ.
قالاق ئۇنسۇن. * قالاق ياشلارنى توغرا يولغا سېلىش كېرەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىش - ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى.
ياماندىن ئاشقان يېرىم قوشۇق. قورۇق قوشۇق ئېغىز يىر تار. بىر تال باش - بىر قالاق ئاش.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغان، سەۋىيىسى تۆۋەن. قالاق ئىشچى، قالاق كادىر
ئىلغار، مۇنەۋۋەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، سەۋىيىسى يۇقىرى. ئىلغار ئىشچى، مۇنەۋۋەر كادىر
ئىلغارلار قالاقلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك. قالاق ئىدىيىدىن ئىلغار ئىش چىقمايدۇ. قالاق يېزا ئىگىلىك مەملىكىتىنى ئىلغار سانائەت مەملىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز. مۇنەۋۋەر كادىرلار ھەممىگە ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئارقىدا قالغانلار ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىشى ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىشى لازىم.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ياغاچ قوشۇق؛ ھور چىقىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن قازاننىڭ چۆرىسىگە قويۇلىدىغان چەمبەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۆۋەن تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغان، تەرەققىيات جەھەتتە ئارقىدا قالغان، ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمىغان، تەرەققىي قىلمىغان؛ كونا.
قالاق دۆلەت. قالاق مەملىكەت.
دۇنيا قارشى، ئاڭ چۈشەنچىسى تۆۋەن بولغان؛ ئىلغار ئەمەس.
قالاق ئادەم. قالاق ئۇنسۇر. قالاق پىرسوناژ.
ئىشتا، ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىرىنى بېجىرىشتە، ماددىي، تېخنىكا بازىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە شۇ قاتارلىقلاردا باشقىلاردىن ئارقىدا قالغان.
قالاق ئىگىلىك، قالاق خوجىلىق.
دەرسكە يېتىشەلمەيدىغان، ناچار ئوقۇيدىغان، ئەخلاق، ئىنتىزام جەھەتلەردە تەلەپكە لايىق ئەمەس.
قالاق ئوقۇغۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تامچىلار لاي ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. ياغاچتىن ياسىلىدۇ، بىر تەرىپىدە سېپى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال ياغاچ قوشۇق.
ھور چىقىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن قازاننىڭ چۆرىسىگە قويۇلىدىغان چەمبەر؛ قالقان.