Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قايسى:
قايۇ ناخىرەد بولسە مۇنكىر ئاڭا،
كى رەشڭ ئەيلەبان بەرسە تەغيىر ئاڭا.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نېمە، قايسى، كىم، قەيەردە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قايسى.
بۇ سۆز « خايۇ» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ. «ق _ » ھەرپىنىڭ ئورنىغا «خ _ h» ئالماشقان. ئوغۇز ۋە قىپچاقلار «ق _ » نى «خ _ h» غا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇلار « خالاچ _ خالاچ» لارنڭ بىر تەبىقىسى. تۈركلەر « قىزىم _ قىزىم» دېسە، ئۇلار « خىزىم» دەيدۇ. تۈركلەر «نەدە ئىدىڭ» دېگەن سۆزنى « قاندا ئەردىڭ» دېسە، ئۇلار « خاندا ئەردىڭ» دەيدۇ.
3 - 301