Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاينىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئىسسىقنىڭ تەسىرىدىن سۇ بۇلدۇقلىماق، ھور چىقارماق، پىشماق ۋە شۇنداق قىزغىن ھالەت.
چاپان كۆيسىم قازان قاينىسۇن. قاينىمىغان داغ سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك. مەشرەپتە باشلار تازا قاينىدى. بىزنىڭ ھەققانىي ئىشىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چۆگۈن، قازان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق كۈچلۈك ئوتنىڭ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلى قىزىپ، پار ھاسىل قىلىپ، ۋاراقلاپ تۇرماق؛ قىزىقلىقى مەلۇم دەرىجىگە يەتمەك.
چاي قاينىماق. شورپا قاينىماق.
چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن، قازان قاينىسۇن (ماقال).
پىشماق، پىشىپ يېيىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك.
ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىماس (ماقال).
ئۆرلىمەك؛ تۇتماق، كەلمەك.
تەيجىنىڭ زەردىسى قاينىدى، ئۇ بەزمىنى توختاتتى.
جانلانماق، قىزىماق، قىزىپ كەتمەك.
تىياتىرخانىنىڭ ئالدى خۇددى بايرام كۈنلىرىدىكىدەك قاينىغانىدى، مەن ئالدىراپ كۇلۇب ئىچىگە كىردىم. ئويۇن ئاللىقاچان باشلىنىپ كېتىپتۇ.
كۆچمە. كۆپەيمەك.
كوچىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ.
كۆچمە. خاپا بولماق، چېچىلماق؛ ئاچچىقلانماق؛ تېرىكمەك.
خەيرىنسا ئېرىنىڭ نېمىگە قايناۋاتقانلىقىنى ئەمدىلا چۈشەندى.