Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايرىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قايرىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
جېسەكچىلەر بۆرىدەك ئېتىلىپ بېرىپ بەھرامغا تاشلىنىدۇ، جىددىي ئېلىشىشتىن كېيىن، بەھرامنىڭ قوللىرى قايرىلىپ باغلىنىدۇ.
كۆچمە. ئەسلىدىكى تۇرۇۋاتقان ئورنىدىن سۈرۈلمەك، قوزغالماق، يۆتكەلمەك (قۇياش ھەققىدە).
ئۇلار ماڭا - ماڭا، كۈن قايرىلغان ۋاقىتلاردا تۇغان ئايرىيدىغان سۇنىڭ بويىغا بېرىپتۇ.