Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روھەن ۋە جىسمانەن قاتتىق قىينىلىش تۇيغۇسى.
قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا ئۆتىسە. بىز شادلىق يولىدا كۈرەشتۇق، شادلىق يولىدا ئۆلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قايغۇ - ھەسىرەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن. ھەسرەت رەھىم قىلار. بىر دەملىك ئاچچىققا سەۋرى قىلساڭ، بىر ئايلىق ئازاب - ئوقۇبەتتىن خالىي بولىسەن. پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز. ئادەمنى غەم يەيدۇ، تۆمۈرنى نەم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«قادغۇ» غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، كۈلپەت، دەرد - ئەلەم؛ ھەسرەت؛ كۆڭۈلسىزلىك.
كىشى قايغۇسى ئېتەكتە، ئۆز قايغۇسى يۈرەكتە (ماقال).
تەشۋىش، غەم، غەم - ئەندىشە، غەم - غۇسسە.
قارنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا (ماقال).
ئۆچكە جان قايغۇ، قاسساپقا ماي قايغۇ (ماقال).