Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايناق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزغىنلىق قايناپ - تېشىپ تۇرغان ھالەت.
قايناق تۇرمۇش ئىچىگە بار، قايناق تۇرمۇشتىن ئۆگەن. ياشلار ھەر ۋاقىت جۇشقۇن بولۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قاينىغان، قايناپ تۇرغان.
قايناق سۇ.
كۆچمە. ئىسسىق، ھارارەتلىك.
قايناق نەپەس.
كۆچمە. قاينىغان، ئەۋج ئالغان، جۇش ئۇرغان، قىزغىن، جۇشقۇن.
قايناق مېھنەت. قايناق ئىش. قايناق تۇرمۇش. قايناق كۈرەش.
مەشىق مەيدانى خۇددى قايناق جەڭ مەيدانىغا ئوخشايتتى.
كۆچمە. كۈچەيگەن، كۈچ - غەيرەتكە تولغان، تولۇپ تاشقان؛ ئوتلۇق.
قايناق غەزەپ. قايناق قىساس. قايناق ھېسسىيات. قايناق تۇيغۇ.
كۆچمە. ئادەملەر بىلەن تولۇپ تاشقان، قىزىغان؛ ئاۋات؛
قايناق بازار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مەنبە، باشلىنىش.