مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريادا سۇ ئايلىنىپ، قاينىغاندەك بولۇپ تۇرغان يەر.
«گۆلەڭ» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىزدىگەن قاينامدىنمۇ يىڭنىنى تاپار. يا قاينامدىن چىقسۇن، يا سايرامدىن. دۈشمەن ئەجەل گىردابىغا بېرىپ قالدى، ئەمما تېخى ھالاك بولمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇ ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ چۆرگىلىمەچ بولۇپ ئايلىنىدىغان جايى.
يا قاينامدىن چىقسۇن، يا سايرامدىن (ماقال).
كۆچمە. ئىش، پائالىيەت، كۈرەش ۋە شۇ قاتارلىقلار قايناپ تاشقان، جۇش ئۇرغا ھالەت.
تۇرمۇش قاينىمى. ئەمگەك قاينىمى.
دائىرە: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، قادىر ئارسلاننىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1993 - يىل 8 - ئايدا نەشر قىلغان.
دائىرە: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، ۋاھىتجان غوپۇرنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1987 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا شائىرنىڭ <مەكتىپىمگە>، <بۇلبۇل ۋە مەن> قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە <بىر مۇھەببەتنىڭ تارىخى> ناملىق داستانى كىرگۈزۈلگەن.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۇنىڭ قاينىمى. پىشقان، تەجرىبىلىك، بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن كىشى.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
(بۇ ئىسىمدا قاينام ئۆركىشى ئۇلۇغلىنىدۇ)
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
دائىرە: (ئۇيغۇرچە)سۇنىڭ قاينىمى؛ پىشقان، تەجرىبىلىك، بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن كىشى.