Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پۇژاد ھەرىكىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى布热德运动
bù rè dé yùn dòng
فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى بىر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەشەببۇسچىسى پۇژاد (1920 - ؟) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى تۆتىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىچكى - تاشقى زىددىيەتلەر ئېغىرلىشىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تۇراقسىزلاشقانلىقتىن، شەھەر ئۇششاق بۇرژۇئازىيە قىيىن ھالغا چۈشۈپ قلغان. 1953-يىلى پۇرژاد رەھبەرلىك قىلغان <سودىگەرلەر ۋە قول سانائەتچىلەرنى قوغداش ئىتتىپاقى> قۇرۇلۇپ، باجغا تاقابىل تۇرۇش ۋە جۇمھۇرىيەتكە قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا كىچىك دۇكان خوجايىنلىرى، كىچىك فېرما خوجايىنلىرى ۋە باشقا ئوتتۇرا - تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى جەلپ قىلغان. 1956-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا 56 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتتىپاق بۆلۈنۈپ ۋە پارچىلىنىپ كەتكەن. پۇژاد 1957-يىلدىكى پارلامېنتنى تولۇقلاش سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان ھەمدە تەسىرىنى يوقاتقان. 1958-يىلدىن كېيىن، پۇرژاد ۋە ئۇنىڭ كۆپ سانلىق ئەگەشكۈچىلىرى بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنى قوللىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.