Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پۇسانى
دۇنيا تارىخى
波桑尼
bō sāng ní
(1) (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 469) (1) سپارتا قوماندانى. خان جەمەتىدىن كىلېئومبروتۇسنىڭ ئوغلى، لېئونىداسنىڭ جىيەنى. مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى سپارتانىڭ 5000 كىشىلىك (ھەربىر ئەسكەرگە تەخىنەن يەتتە نەپەر ھېلوتلار ھەمراھ بولغان) قوشۇننى باشلاپ، ئافىنا ھەمدە يۇناننىڭ باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن پېئوتىيە (ئوتتۇرا يۇنان) نىڭ پلاتئىي دېگەن جايدا ماردونىئۇس باشچىلىقىدىكى پېرسىيە ئارمىيىسىنى يەڭگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۈچىنچى قېىتملىق يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي غەلىبە قىلغان. ئارقىدىنلا بىرلەشمە ئارمىيە فلوتىنى باشلاپ پارسلارنى ئېگېي دېڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، سىپرۇس ۋە ۋېزانتىيىنى ئىشغال قىلىپ (مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى)، ھەربىي جەھەتتە شۆھرەت قازانغان. كېيىن پېرسىيە پادىشاھى بىلەن يەڭ ئىچىدە تىل بىرىكتۈرۈپ، پۈتكۈل يۇنانغا تىران بولۇش قەستىدە بولغان، دېگەن گۇمان بىلەن سپارتاغا قايتۇرۇپ كېلىپ سوتقا تارتىلغان، دەسلەپ دەلىل - ئىسپاتلار تولۇق بولمىغاچقا قويۇ بېرىلگەن. لېكىن ئاسىيلىق قىلغانلىقى (مەكتۇپى ئىسپات بولالايدۇ) ئاخىر ئاشكارىلىنىپ قالغان ۋە تەپتىش ئەمەلدارى قولغا ئالىدىغاندا ئافىنا ئىبادەتخانىسىغا قېچىپ كىرىۋلغان (يۇناننىڭ قائىدىسى بويىچە ئىبادەتخانا ئىچىدە قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈش مەنئى قىلىنغان) ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنى تاش بىلەن ئېتىپ تاشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا پۇسانىنىڭ ئانىسى تۇنجى تاشنى ئەكەلگەنىكەن. ئاقىۋەت ئۇ ئىبادەتخانا ئىچىگە قامىلىپ ئۆلگەن. (2) مىلادى Ⅱ ئەسىردىكى قەدىمكى يۇنانلىق سەيياھ ۋە جۇغراپىيون. كىچىك ئاسىيانىڭ لىدىيە دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يۇنان، رىم، ئىتالىيە ھەمدە غەربىي ئاسىيا، مىسىر قاتارلىق جايلارغا ساياھەت قىلىپ بارغان. ئۇ يازغان <يۇناننىڭ تەبىئىي شارائىتى> (ئون توملۇق) ناملىق كىتابىدا قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى مۇھىم رايونلىرى، جۈملىدىن ئاتتىكا، مېگارىس، كورىنتىيە، سىكۇنىيە، فلىياسىيە، ئارگولىس، لاكونىسا، مېسسېنىيە، ئېلىس، ئاكايا، ئاركادىيە، بېئوتىيە ۋە فوسىس قاتارلىق جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايان قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاب قەدىمكى يۇناننىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخى، دىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرى بولۇپمۇ بىناكارلىق سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
普萨尼
pǔ sà ní