Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普鲁塔克
دۇنيا تارىخى
پلۇتاركوس
(تەخمىنەن 46 - 120) قەدىمكى يۇنانلىق تەرجىمىھالى يازغۇچى، نەسرىي ئەسەر يازغۇچى. بۇ ئېئوتىيىنىڭ كېرونېيا دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئارىستو بۇلۇس تەرجىمىھالى يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ. ئۇ كىچىدىكىدە ئائىلىسىدە تەربىيىلەنگەن، كېيىن ئافېنادا ئوپ، ئاتاقلىق ئۇستاز ئاممونىئۇستىن تەلىم ئېلىپ، ستىلىستىكا، ماتېماتىكا، پەلسەپە، مېدىتسىنا، تارىخشۇناسلىق قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن. يۇناندىكى تارىخىي ئاتاقلىق شەھەرلەر مىسىر، كىچىك ئاسىيا ۋە ئىتالىيە قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىغان. يەنە رىمغا بېرىپ پەلسەپەدىن دەرس ئۆتكەن. ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رىم ئىمپېراتورلىرى تراجانۇس، خادرىيانۇسلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئالدىنقىسى تەرىپىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈگىچى ئەمەلدارلىق پەخرىي نام بېرىلگەن، كېيىنكىسى تەرىپىدىن يۇناننىڭ مالىيە نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. كېيىن يۇنانغا قايتىپ كېلىپ، ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كرونېينىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىنى ئۆتىگەن ھەمدە دىلفې ئاپوللو ئىبادەتخانىسىنىڭ كاھىنى بولغان. يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوغلى لامپرىياس تۈزگەن مۇندەرىجىگە قارىغاندا 227 دىن ئاشىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى يوقىلىپ كەتكەن. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان ئەسەرلىرى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئىككى توپلام قىلىپ رەتلەنگەن: ئۇنىڭ بىرى <يۇنان ۋە رىمدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىن 50 پارچىنى ئۆز ئىچىگە ئغلان، ئۇ ياۋروپا تەرجىمىھالى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان، رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمنلىگەن، كېيىن نۇرغۇن شائىرلار ۋە تارىخىي دراما يازغۇچىلار ئۇنىڭدىن سۇژىت ئالغان. يەنە بىر >ئەخلاق توغرىسىدا< دا مائارىپ، ئەخلاق، دىن تارىخى قاتارلىق ماقالىلەردىن 60 نەچچە پارچە بولۇپ، ينان ئەسەرلىرىدىن كۆپلىگەن دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن. ئەدەبىيات تارىخىى ماتېرىالى بولۇش قىممىتىگە ئىگە.
ئۇنىۋېرسال
普鲁塔克(人名)
pǔ lǔ tǎ kè
پلۇتارخ