Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普鲁士
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
pǔ lǔ shì
پرۇسسىيەDئۇنىۋېرسال
pǔ lǔ shì
پرۇسسىيە
دۇنيا تارىخى
پرۇسسىيە
ئەسلىە پرۇسسىلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تيوتون رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ۋە <پرۇسسىيە> (يەنى شەرقىي پرۇسسىيە) دەپ ئاتلىشقا باشلىغان. 12 يىللىق ئۇرۇش (1454 - 1466) تىن كېيىن، پولشاغا تەۋە بولغان. 1525-يىلى پرۇسسىيە كىنەزلىكى دەپ ئاتالغان. 1618-يىلى ھوھېنزوللېرن جەمەتى براندېنبۇرگ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپ، دۆلەت كۈچى كۈنسايىن كۈچەيگەن. 1660-يىلى پولشانى مەغلۇپ قىلغان. 1701-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پولشانى ئۈچ قېتىملىق بۆلۈشۈۋېلىشقا قاتنىشىپ، پولشانىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى كەڭ زېمىنغا ئىگە بولغان. 1806-يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن دېگۈدەك ئايرىلغان. ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يىىرىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى خەلقئارا ئورنى ئەسلىگە كەلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ، دانىيە ئۇرۇشى (1864-يىلى)، پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866-يىلى)، پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى (1870 - 1187-يىللار) ئارقىلىق، گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. پرۇسسىيە ئىمپېرىيىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ، پرۇسسىيە ئىمپرىيىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ، پرۇسسىيە كورۇلى ئىمپېرىيىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىنى قوشۇچە ئۆتىگەن.