Uyghurئاساسىي لۇغەت
پۇچۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈن ئەمەس، كەمتۈك؛ بۇرنى پەس، ياپىلاق.
«لاپچۇق» قۇمۇل شېۋىسىدە «پاناق».
دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېچى تەگمەك. پاناق بۇرۇننى قاڭشالىق قىلىدىغان ئامال تېپىلىپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۇچۇق.
كەمتۈك، كېسىلگەن، پۇچۇلغان نەرسە. ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېرىمىمۇ « پۇچۇق» دېيىلىدۇ. پۇچۇق يارماق _ پۇچۇق يارماق.
1 - 489
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارچىلانغان، ئۇچۇپ كەتكەن؛ سۇنغان.
پۇچۇق چىنە.
پۈتۈن ئەمەس، يېرىم.
پۇچۇق نان.
ئەخمەت ۋە نۇردۇن ئەنە شۇ بىر زاغرىنى پۇچۇقتىن يېدى.
پاناق، ماكچايغان، كەمتۈك.
بۇرنى پۇچۇق.
دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق (ماقال).