Uyghurئاساسىي لۇغەت
پۇچۇلماق
شىۋىلەر
كۆيمەك، دومسايماق. مەسىلەن: ئۇ نەچچە كۈن بولدى، چىرايىنىمۇ ئاچماي، پۇخساراپ يۈرۈيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر پۈتۈن ساق نەرسىنىڭ مەلۇم بىر يېرى سۇنۇپ كەتمەك، پۇچۇقلانماق، پۇچۇق بولماق.
چەينەكنىڭ جوغىسى پۇچۇلۇپ كەتتى.
قاتلىنىپ پۇرلىشىپ، ئەسلىي قىياپىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەك.
قوليازمىنىڭ چۆرىلىرى پۇچۇلۇپ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى.
كۆچمە. دەرد - ئەلەم، ئازاب دەستىدىن ئەسلىي كۆرۈنۈشنى يوقاتماق، قورۇق چۈشۈپ، سەتلەشمەك (يۈز، چىراي ھەققىدە).
ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ، گۈزەل ھۆسنى پۇچۇلغانىدى.