Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىت ئۈچەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇز پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان، كىشىگە قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىلنىڭ قازىنىدىكى ئاش - قۇدۇق تۈۋىدىكى تاش. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ئارتۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېگىن. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. مومسىق خوتۇننى جەننەتكە كىر دېسە، قوتۇر ئۆچكىسىنى يېتىلەپ ماڭار. . ئۇ شۇنداق پىخسىقكى، ئاسمان ئىسىنى، ئىت يۇندىسىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ راسا پىششىق ئالىقىنىنى يالايدىغان ئادەم. پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىر نېمە چىقارمۇ؟ ئۇ بوۋاي پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇنى قوي، ئۇ تاشتىن سۇ چىقىرىدىغان ئادەم. ئۇ ئادەم مۇنداق تۇرغىنى بىلەن تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلار، تىيننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەر بار ئىدى. شەھەر خەلقى مۇسانى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆڭەك بەرمەيدىغان پىخسىق دېيىشىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئىچى تار، قورسىقى كىچىك، پىخسىق، بېخىل: پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىچى تار، قورسىقى كىچىك.
- مەن ئۆيدە تاغىسىنىڭ بىر نەچچە كۈن تۇرۇشىنى خالىمايدىغان ئىچى تار، پىت ئۈچەي ئادەممۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە.