Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىتاگوراس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 580 - 500) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، ماتېماتىكى. پىتاگوراس ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقۇچى. ساموس ئارىلىدا تۇغۇلغان. دادىسى نېساركۇ ھەيكەلتىراش (ياكى سودىگەر) بولغان. پېرېسدې ۋە كرېئوپىلۇدىن ئۆگەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن مىسىر، بابىلون، كرت ئارىلىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە بەزى سىرلىق دىنىي مەزھەپلەر بىلەن ئۇچراشقان. يۇرتىدىكى پولىكراتنىڭ تىران ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، تەخمىنەن مىلادىدىن 529 يىل ئىلگىرى يۇناننىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى مۇستەملىكە شەھىرى كروتونغا كۆچۈپ بارغان. بۇ يەردە <پىتاگوراس جەمئىيىتى> نى قۇرغان، بۇ تەشكىلات دىنىي ۋە ئىلمىي خاراكتېردىكى سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، بايلارنىڭ بلىلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشىنى مۇرىتلىققا قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇ شەھەرگە قانۇن چىقىرىپ بېرىپ، ئۆزگىچە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ پائالىيىتى ئەتراپتىكى يۇنان شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇرىتلىرىغا قاماقتا يېتىپ - قوپۇشقا بىللە بولۇش، ئوخشاش كىيىم كىيىش، خىزمەتتە مۇۋاپىق بولۇش، يېمەك - ئىچمەك چەك قويۇش؛ ماتېماتىكا، مۇنەججىملىك، مۇزىكا، سەھىيە قاتارلىق پەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، ئاۋۋال لېكسىيە ئاڭلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشىنىش، ئاز سوئال سوراش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن. سىرلىق دىنىي قائىدە - يوسۇنلارنى (ھەممە ئادەم قاتنىشىش) بەلگىلىگەن. <روھ ئۆلمەيدۇ>، <روھ كۆچىدۇ> ۋە <تەن روھىنىڭ تۈرمىسى> دېگەنگە ئوخشاش دىنىي ئەقىدىلەرنى تەرغىپ قىلغان؛ يەنە بەزى غەلىتە ئەمىر - مەرۇپلار (ئالايلۇق پۇرچاق ۋە ھايۋانلارنىڭ يۈرىكىنى يېيىشنى مەنئى قىلىش، كۈرە - كەمچەننىڭ ئۈستىدە ئولتۇراماسلىق، باشقىلار بىلەن ئوڭايلىقچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك قاتارلىقلار) نى تۈزۈپ چىققان. <سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن> بۇ خىل ھاكىمىيەت يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئاخىر بىر قېتىملىق توپىلاڭغا سەۋەب بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پىتاگوراس قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. كېيىنكىلەرگە ئەسەرلىرى قېپقالمىغان، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تەلىماتلىرى كلاسسىك يازغۇچىلار (ئارىستوتېل، دىئوگېن، دىئوگېن لارتىئۇس) نىڭ خاتىرىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ مەنبەسى ھەرقانداق ماددا بولماستىن، بەلكى ئابستراكت سان؛ جىسىم نۇقتا، سىزىق، دائىرە ۋە گەۋدىدىن تەركىب تاپىدۇ، سان ئاساسىي نۇقتا ھېسابلىنىدۇ؛ ساندىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ماددا بولمايدۇ؛ قىسقىسى <ماددا دېمەكلىك - سان دېمەكلىك، ماددا ساندا بولىدۇ>، <سان جىمىكى نەرسىنى باشقۇرىدۇ، شۇنداقلا ئالەمنىڭ تەرتىپى> نىمۇ تەشكىل قىلىدۇ؛ 1 تۈپ سان بولۇپ، ئۇ ھەممە ساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ھەممە ساننىڭ ئىچىدە بولىدۇ. 1 گە تاق ساننى قوشقاندا جۈپ سان مەيدانغا كېلىدۇ، 1 گە جۈپ ساننى قوشقاندا، تاق سان مەيدانغا كېلىدۇ، تاق ۋە جۈپ سانلارنىڭ بىر - بىرىدىن مەيدانغا كېلىشى ئارقىسىدا، قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ <ماسلىشىشى> ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ماسلىشىش - تەرتىپ، تەرتىپ بولسا 1 بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ قاراپ، سان ئۇقۇمى ۋە بەلگىلىرىنى سىرلىقلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ <ماسلىشىش> نەزەرىيىسى ئارقىلىق مەلۇم سان مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىنى، جۈملىدىن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىدە قانۇنىيەتچانلىق بولىدۇ دېگەن ئىديىنىڭ بىخلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ ئوتنى مەركەز دەپ ھېسابلىغان، يەرنى بولسا بۇ مەركىزىي جىسىمنى دەۋر قىلپ، ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان سەييارە دەپ قارىغان. بۇ ئوت ئۇنىڭ نەزەرىدە قۇياش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ھەر ھالدا يەر شارىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تۇنجى قىياس بولۇپ ھېسابلىنىد. يەنە كائىناتتىكى ئون خىل زىددىيەت (يەنە بىر ئېيتىلىشتا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى تۈزۈپ چىققانمىش)نى يەنى چەكلىك بىلەن چەكسىزلىك، تاق بىلەن جۈپ ، بىر بىلەن كۆپ، ئوڭ بىلەن سول، مۇرەككەر بىلەن مۇئەننەس(ياكى ئەربىلەن ئايال)، تىنىچلىق بىلەن ھەرىكەت، تۈزلۈك بىلەن ئەگرىلىك،يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، كۋادرات بىلەن تىك تۆت تەرەپلىك، چاسابىلەن چەمبەرنى ئوتتۇرغا قويغان .گېئومېترىيىنى تەرەققى قىلىدۇرۇپ، غەربتە <تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ يانتۇ تەرىپىنىڭ كۋادراتى باشقا ئىككى تەرەپنىڭ كۋادراتنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ>(a2+b2=c2)دېگەن تېئورېمىنى تۇنجى قېتىم كەشىپ قىلغان .ئۇنىڭ ئىدېئالىزملىق تەلىماتى يۇناننىڭ باشقا ئىدېئالىزملىق تەلىماتىغا، بولۇپمۇ پلاتوننىڭ ئىدېئالىزملىق سىستېمىسىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن