Uyghurئاساسىي لۇغەت
پروتېستانت
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. كاتولىك دىنى، پراۋوسلاۋىيە دىنى بىلەن بىرگە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردە ياۋروپادىكى دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە كاتولىك دىنىدىن ئايرىلىپ چىققان ليۇتېر مەزھىپى، كالۋىن مەزھىپى ۋە ئەنگلىيە دۆلەت دىنى ھەم كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان دىنىي مەزھەپلەرنى، ئاساسەن ئىناۋەتچىلەر مەزھىپى، ئاقساقاللار مەزھىپى، باپتىستلار مەزھىپى، ھەقىقەتچىلەر مەزھىپى، ھەقىقەتنى قوغداش ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 1529-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ سىپېيېر (بۈگۈنكى فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ رىيىنلاند - پفالتىس ئوبلاستىدا ئوبلاستىدا) ئىمپېرىيە پارلامېنتىنى چاقىرىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1521-يىلى ليۇتېرنى بىدئەت دەپ ئەيىبلىگەن <ۋورمىس پەرمانى> نى قايتا تەكىتلىگەن. ليۇتېر مەزھىپىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان بەش نەپەر بېگى (جۈلىدىن ساكسونىيىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى، ھېسسېن گرافى ۋە براندېنبۇرگ بېگى) ۋە 14 شەھەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار <نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر> (غەربتە رىمغا قارشى مەزھەپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر مەزھىپى دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتالغان. پروتېستانت دېگەن نام شۇنىڭدىن باشلانغان. پروتېستانتلار چېركاۋ تۈزۈمىنى بىر خىل قىلىۋېتىشنى قۇۋۋەتلىمەن، ئۇنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشىنى (ئېپسكوپلۇق تۈزۈمى، سىنات تۈزۈمى قاتارلىقلار) نى تەشەببۇس قىلغان. مۇرىتلارنىڭ پوپنى ۋاستىچى قىلماي خۇدا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاساسەن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، شىمالىي ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە تارقالغان. ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭگوغا تارقىلىپ، خرىستىئان دىنى ۋە ئەيسا دىنى دەپمۇ ئاتالغان.