Uyghurئاساسىي لۇغەت
پروستاتا بېزى
بىئولوگىيە
<مەزى بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى قوشۇمچە بەزلەرنىڭ بىرى. ئۇ دوۋساقنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنى سۈيدۈك يولى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ چىقىرىش نەيچىسى سۈيدۈك يولى ئىچىگە ئېغىز ئاچقان بولىدۇ. ئۇنىڭ سېكرېتلىرى سپېرما سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە سپېرما سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ سپېرمىنىڭ ھەرىكىتىگە قولايلىق يارىتالايدۇ. ئادەمنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى بۇخىل بەز كىچىكرەك بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن چوڭىيىدۇ. ياشانغاندا ئەگەر ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئارتىپ كەتسە پروستاتا بېزى چوڭىيىپ كېتىش كېسەللىكىگە ئايلىنىپ سۈيدۈك ئاجرىتىش قىيىنلىشىدۇ. 1930 - يىلى بەزىلەر يېڭى سپېرما سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى قىسقارتالايدىغان ھەم بوشىتالايدىغان بىرخىل ماددىنى تاپقان ھەم بۇ خىل ماددىنى پروستاتا بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان دەپ تونۇغان. شۇڭا ئۇ <پروستاگلاندىن> دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە بولسا، پروستاگلاندىن پروستاتا بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقىدىلا مەۋجۇت بولماستىن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىل توقۇلمىلىرىدىمۇ (مەسىلەن، تۇخۇمدان، بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارى، بالا ھەمراھى، باش سۈيى، مېڭە، ئۆپكە، بۆرەك، تۆش بېزى، يۇلۇن قاتارلىقلاردىمۇ ) بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردا بىرخىل دېڭىز ھايۋىنى - سۆگەتسىمان مارجان تەركىبىدىمۇ كۆپ مىقداردا پروستاگلاندىن بارلىقى بايقالدى. پروستاگلاندىن تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كۆپ خىل تىپلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى كلىنىكىدا تۇغۇتنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۇغدۇرۇش (بوشاندۇرۇش)، بالدۇر تۇغۇشتىن ساقلىنىش ۋە ھەيز ماڭدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلمەكتە.