Uyghurئاساسىي لۇغەت
پراۋوسلاۋىيە
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. ئۇ، كاتولىك دىنى، پروتېستانت دىنى بىلەن بىرگە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىى دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىن 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرق، غەرب رىم ئىمپېرىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، خرىستىئان دىنىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرق ۋە غەربىتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1054-يىلى شەرق ۋە غەرب مەزھىپى رەسمىي بۆلۈنگەن، شەرقىي دىنىي جەمئىيەتلىرى ئۆزلىرىنى <ئەنئەنىۋى دىن> دەپ ھېسابلاپ، پراۋوسلاۋىيە دىنى، گرېك پراۋوسلاۋىيە دىنى (چۈنكى شەرقىي تەرەپ گرېك تىلى رايونى بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي مۇراسىملاردا گرېك تىلى قوللىنىلغان، لېكىن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشكىمۇ رۇخسەت قىلىنغان) دەپمۇ ئاتالغان. پراۋوسلاۋىيە دىنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، دىنىي ھوقۇق پادىشاھلىق ھوقۇققا بويسۇنغان. چېركاۋ ۋە موناستىرلار نۇرغۇنلىغان يەر - مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىپ، يانچىلارنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. Ⅹ ئەسىردە پراۋوسلاۋىيە دىنى روسىيىگە تارقالغان ھەمدە دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن؛ 1589-يىلى موسكۋا ۋە پۈتكۈل روسىيىدە ئارخېئېپىسكوپ تەسىس قىلىنغان. كونستانتىنوپولدىكى ئارخېئېپىسكوپ بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلغان. سلاۋىيان تىلىنى قوللىنىدىغان رۇس پراۋوسلاۋىيە دىنى تەدرىجىي شەكىلەنگەن. كېيىن، باشقا دۆلەتلەردىكى پراۋوسلاۋىيە چېركاۋلىرىمۇ مۇستەقىللىك ئورۇنغا ئېرىشكەن. ھازىرقى كۈندە، پراۋوسلاۋىيە دىنى ئاساسەن گرېتسىيە، سىپروس، بۇلغارىيە، يۇگوسلاۋىيە، رومىنيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقالغان.