Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوتلىسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىر خىلى. گۈل رېتى يۇمشاق بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. گۈللىرى تاق جىنىسلىق بولۇپ گۈل سېپى بولمايدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بولىدۇ. گۈلتاجى بولمايدۇ، گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىن ياكى مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن پۈتۈن گۈل رېتى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن، تېرەك، سۆگە ۋە لاپىن دەرىخىنىڭ گۈل رېتى، ياڭاق، كاشتان دەرىخى، دۇپ دەرىخى، چىلغۇزا دەرىخىنىڭ ئاتىلىق گۈل رېتى.