Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوچتا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
خەت - ئالاقە، گېزىت - ژۇرنال، پوسۇلكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرسىتىلگەن ئادرېسقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كەسىپ ۋە ئاپپارات.
پوچتا ماركىسى. * پوچتا ساندۇقى. * پوچتىخانا. * پوچتا - تېلېگراف.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قايرىما سايىۋەنى ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان ئورنى بار، تۆت چاقلىق ھارۋا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەت - چەك. گېزىت - ژۇرىنال، خالتا ۋە پۇلنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن جايدىكى كىشى ۋە ئىدارىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئورۇن.
«چىپەر» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
9 - ئۆكتەبر خەلقئارا پوچتا كۈنى قىزغىن خاتىرىلەندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تۆت چاقلىق ھارۋا. بۇنداق ھارۋىسىنىڭ يۆلىنىدىغان يېرىنىڭ ئۈستىدە كۈنلۈكى بولۇپ، ئۇنى لازىم بولغاندا ئېچىپ، لازىم بولمىغاندا يىغىپ قويۇشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
پوسۇلكا، ھۆججەت، پۇل ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن كىشى ياكى جايغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئالاقە ئورنى ۋە شۇ ئورۇن جايلاشقان بىنا.
شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى.
پوچتىخانىلار تەرىپىدىن تېگىشلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان خەت، پۇل، پوسۇلكا قاتارلىق نەرسىلەر.
بۈگۈن پوچتا كەلدى؟
پوچتىخانا.
مەن بۈگۈن پوچتىغا باردىم.