Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوسۇشكوۋ
دۇنيا تارىخى
(1652 - 1726) روسىيە ئىقتىسادشۇناسى، سىياسىي ئوبزورچى. زەرگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پۇل ياساش، ھاراق چىقىرىش ئورنىدا ئىشلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سودىگەرچىلىك قىلغان 7241-يىلى <كەمبەغەللىك ۋە بايلىق توغرىسىدا> دېگەن كىتابنى يېزىپ، سودا ئىشلىرىنڭ دۆلەتتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەن. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قول - ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى قۇرۇش، پۇل تۈزمىنى ئىسلاھ قىلىش، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى - تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن؛ شۇنىڭدەك قانۇن تۈزۈپ چىقىش، ھەممە ئادەمنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى بەلگىلەش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان؛ پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئايرىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ پومېشچىكلا ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق بەلگىلەشنى، ئېسىلزادە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ۋە تەلەپلىرى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1725-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى تۈرمىدە ئۆلگەن.