Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوسما
شىۋىلەر
بوۋاقلارنىڭ باش كىيىمى، ئاق شاپاق. مەسىلەن:
كىيىپ دەللە بېشىغا،
چارىدەلە بىر پوسمىنى.
ئازدۇرۇپ يارىم قېشىغا،
قويدۇرۇپتۇ ئوسمىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېشىغا تولمىغان بوۋاق بالىلارنىڭ ئەستەرلىك ياكى نېپىز پاختا سېلىنغان باش كىيىمى.
موماينىڭ كۆزى ئوسمىدا، گاداينىڭ كۆزى پوسمىدا (ماقال).
دوختۇر، سېسترا قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئۈستىدە كىيىدىغان يالاڭۋاش كىيىمى.
ئۇ پوسما بىلەن خالاتقا قاراپ پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى - دە، ئاۋايلاپ كىيدى.