Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پورۋو پارلامېنتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى波尔浮议会
bō ěr fú yì huì
1809 - يىل 3 - ئايدىن 7 - ئايغىچە فىنلاندىيىنىڭ پورۋو دېگەن جايىدا چاقىرىلغان پارلامېنت. روسىيىنىڭ فىنلاندىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى (1808 - 1809) ئاياغلىشىش ئالدىدا، چارپادىشاھى ئالېكساندر Ⅰ <پۈتكۈل رۇس پادىشاھى ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق خان> ھەمدە <فىنلاندىيە كىنەزى> نامىدىن پارلامېنت چاقىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە شەخسەن ئۆزى يىغىنغا قاتناشقان. يىغىن فىنلاندىيىنىڭ روسىيىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى ھەمدە ئۇنىڭ روسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئورنىنى بېكىتكەن. ئالېكساندر Ⅰ نىڭ كېپىللىك پەرمانى ۋە يارلىقى ئارقىلىق فىنلاندىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە تۈرلۈك قانۇنلىرى ئېتىراپ قىلىنغان. يىغىنغا قاتناشقان تۆت دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئالېكساندر Ⅰ نىڭ قانۇنلۇق پادىشاھ (فىنلاندىيە كىنەزى) لىقىغا ھۈرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.