Uyghurئاساسىي لۇغەت
پولېنېسىيە مېھنەتكەشلىرى پەرمانى
دائىرە: دۇنيا تارىخىياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئاۋسترالىيىنى ئېچىش ئۈچۈن تۈزگەن پەرمانى. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى يېڭى ھېبرىدېس تاقىم ئاراللىرى، سولۇمون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىن ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى يەنى، كاناكاسلار (پولېنېزىيە تىلىدا <ئەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) نى يۆتكەپ كېلىپ كېۋەز ۋەقىزىلچا ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىشلەتكەن. 1868 - يىلى كوئېنسلاند مۇستەملىكە رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ پەرماننى چىقىرىپ، كاناكاس ئىشچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىشىنى باشقۇرغان ھەمدە ئېكىنزاردىكى يەرلىك ئىشچىلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە توغرىسىدا قارار چىقارغان، شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلارنى يۆتكەش قانۇنلىشىپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.