Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پولىمورفىزم
بىئولوگىيە
多型现象
duōxíngxiànxiàng
ئوخشاش بىر تۈردىكى ھاشاراتنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ياكى تېخىمۇ كۆپ خىل ئىندىۋىد بولۇپ ئىپادىلىنىش ھادىسىسى، مەسىلەن، كۆپ پىتنىڭ ئەركەك، چىشىسى پەرقلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە قاناتلىق - قاناتسىز، يالغۇز ئانىلىقتىن تۇغىدىغان (ئاتىسىز كۆپىيىش) ۋە جىنسلىق تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدىغان تىپتىكى خىللىرى بولىدۇ. ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك توپلىشىپ ياشايدىغان تۈرلىرىدە پولىمورفىزم ئالاھىدە روشەن بولۇپ، ئوخشىمىغان تىپتىكى ئىندىۋىدلىرىنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىلىك رولى يۇقىرى دەرىجىدە ئالاھىدىلەشكەن بولىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسىدە ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى)، ئاتا ھەرە (ئەركەك ھەرە) ۋە ئىشچى ھەرىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئىندىۋىد بولىدۇ. ئانا ھەرە مەخسۇس تۇخۇم سېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ گۈل چېڭى يىغىش ئاپپاراتى، موم بېزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن. ئىشچى ھەرە كۆپىيەلمەيدىغان چىشى ھەرە بولۇپ، گۈل چېڭى يىغىش، ئۇۋا ياساش، لىچىنكا بېقىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل. ئۇنىڭدا تەرەققىي قىلغان چايناپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى، گۈل چېڭى يىغىش ئاپپاراتى قاتارلىق تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ، بىراق كۆپىيىش سىستېمىسى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. تۇخۇم سېلىش ئاپپاراتى ئالاھىدىلىشىپ زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئوكۇل قىلىدىغان ئامبۇر تىكەنچىگە ئايلانغان. چۈمۈلىلەردە ئانا چۈمۈلە، ئەركەك چۈمۈلە ۋە ئىشچى چۈمۈلىلەر بولىدۇ، بەزىدە يەنە ئىشچى چۈمۈلىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن كەلگەن لەشكەر چۈمۈلىلەرمۇ بولىدۇ.
گىئولوگىيە
同质多象(同质异象)
tong zhì duō xiàng (tong zhì yì xiàng )Dئۇنىۋېرسال
多形态现象
duō xíng tài xiàn xiàngDتېببىي
多态性
duō tài xìngDتېببىي
多态性
duō tài xìngDخىمىيە
同质多晶
tong zhì duō jīng