Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېمونتې
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى بىر تارىخىي رايون. بۈگۈنكى فرانسىيە ۋە شۋېتسارىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى ئاساسەن كېلتلار ۋە لىگورېسلار. كېيىن رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە شەرقىي گوتلار ۋە بۇرگۇندلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لومباردىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىىدا فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. Ⅺ ئەسىردە كۆپ قىسىم زېمىنى گراف ساۋوييەنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلى (1494 - 1559) دە فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1720 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان 1861 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.