Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېمونتې
دائىرە: دۇنيا تارىخى皮埃蒙特
pí āi méng tè
ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى بىر تارىخىي رايون. بۈگۈنكى فرانسىيە ۋە شۋېتسارىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى ئاساسەن كېلتلار ۋە لىگورېسلار. كېيىن رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە شەرقىي گوتلار ۋە بۇرگۇندلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لومباردىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىىدا فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. Ⅺ ئەسىردە كۆپ قىسىم زېمىنى گراف ساۋوييەنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلى (4149 - 1559) دە فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. 2017 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان 1861 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.