Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىلسۇدىسكى
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1935) پولشا زۇڭلىسى (1926 - 1928، 1930) فاشىست مۇستەبىت ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پولشا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرشۇشقا قاتناشقان. چار روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، 1887-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىىلنغان. 1900-يىلى يەنە قولغا ئېلىنىپ لوندونغا قېچىپ كەتكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن پولشاغا قايتىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا <پولشا جۈنتۇەنى> گە قوماندانلىق قىلىپ، روسىيىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلىسىگە قاتناشقان. 1926 - يىلى 5-ئايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فاشىستىك مۇستەبىتلىكنى ئورناتقان. 1926 - 1935 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1934 - يىلى گىتلېر بىلەن <گېرمانىيە - پولشا بىر - بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1935 - يىلى دېموكراتىيىگە قارشى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان ۋە يولغا قويغان.