Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىللىق قوشۇن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە «ئەسھابۇل فىل» دېيىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، يەمەننى ئىشغا قىلغان ئەكسۇم پادىشاھلىقى (ھازىر ئېفىئوپىيە چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ سانغۇنى ئابراھ سانادا خرىستىئان چېركاۋىسى سالدۇرۇش بىلەن بىللە، ئەرەبلەرنىڭ دىنىي مەركىزى كەبىنى ۋەيران قىلىۋېتىش نىيىتىدە پىللىق قوشۇننى باشلاپ مەككىگە ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلار مەككىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئاللا«ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى» (105 - سۈرىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، ئايەتلىرى). شۇڭا بۇ يىل پىل يىلى دەپ ئاتالدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇ يىلى دۇنياغا كەلگەن.