Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېللىئوت
دۇنيا تارىخى
伯希和
bó xī hé
(1878 - 1945) فرانسۇز شەرقشۇناسى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن. 1900 - يىلى فرانسىيە يىراق شەرق ئىنستىتۇتى (خانۇي) دا خەنزۇر تىلى پروفېسسورى بولغان. 1906 - 1908 - يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا <تەكشۈرۈش> ئېلىپ بارغان ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنخۇاڭدىن كۆپلىگەن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ۋە خەنزۇچە، سانسكرىتچە، تىبەتچە ھۆججەت قول يازمىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. 1911-يىلى فرانسىيە ئىنستىتۇتى (پارىژدا) دا ئوتتۇرا ئاسىيا تىل، تارىخ، ئارخېئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. 1920-يىلدىن باشلاپ شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى <ئاخبارات> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1921-ىلى ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ، ئاساسەن جۇڭگو تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە تىلى، تەرىقەتچىلىك (تويىنىزم) تارىخى، بۇددىزم تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆي>، <قەدىمكى موڭغۇللارنىڭ يېزىق سىستېمىسى>، <ئالتۇن ئوردا خانلىقى تارىخىدىن تەرمىلەر>، <چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇش تارىخى>، <شىزاڭ قەدىمكى زامان تارىخى> ۋە ئۈچ توملۇق <ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسىگە ئىزاھات> ناملىق ئەسەرلىرى بار.
تارىخ
伯布和
bó bù hé