Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېللىكو
دائىرە: دۇنيا تارىخى彼利柯
bǐ lì kē
(1789 - 1854) ئىتالىيە شائىرى. 1818 - يىلى رونانتىزملىق لبېراللارنىڭ ژۇرنىلى <كېلىشتۈرگۈچى> نى تەسىس قىلغان ھەمدە بۇ ژۇرنالغا ئاكتىپ تۈردە ئەسەر يېزىپ بەرگەن. مىلاندا كاربونادىرلار پارتىيىسىنڭ ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1820-يىلى قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، كېيىن بۇ جازا ئۆزگەرتىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1830-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ تۇردىن شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆز ئەسەرلىرىدە خرىستىئان دىنىدىكى قانائەتچانلىق روھىنى تەرغىپ قىلغان. <تۈرمىدىكى ھاياتىم> دېگەن كىتابىدا ئاۋسترىيە قۇلدارلىرىنىڭ شەپقەسىزلىكىنى پاش قىلىپ، ئىتالىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ زور شۆھرەت قازانغان. بۇ كىتاب كۆپ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان ھەمدە ياۋروپادىكى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.