Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
平安时斯
دۇنيا تارىخى
خېيئان دەۋرى
(ئەمىنلىك دەۋرى) ياپونىيىنىڭ خېيئان كىيونى مەركەز قىلغان ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي دەۋرى. مىلادىن 794-يىلى ناگوئوكاكيو(بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرىنىڭ غەربىدە) دىن پايتەختنى خېئان كىيو(بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرى) غا يۆتكىگەندىن باشلىنىپ، 1192-يىل مىنا موتويورى تومۇ ياتلارغا يۈرۈش قىلىش سىياگونى بولغاندا ئاياغلاشقان. بۇ دەۋر مۇنداق تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. (1) 794 - 794 - يىللار. ئاقسۆڭەك كۇچوخارا جەمەتى باشقا ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئىبادەتخانا كۈچلىرىنىڭ دەخلىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 794-يىلى (يەنلى 13-يىلى) پايتەختىنى خېيئان كىيوغا يۆتكىگەن. تاڭ سۇلىسىگە كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 801-يىلى (ەينلى 20-يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭ يۈەن 17-يىلى)، فۇجى ۋارا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەندە، جۇڭگودا تۇرۇپ ئوقۇغان جۈي يىشى، راھىب ئوقۇغۇچى زۇيدىڭ، كۇڭخەيلەرمۇ بىرگە بارغان. 834-يىلى يەنە فۇجى ۋارا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەندە، جۇڭگودا تۇرۇپ ئوقۇغان يۈەن رېن قاتارلىقلار بىرگە بارغان. 894-يىلىغا كەلگەندە، گەرچە جەن يۈەن داۋجېڭ (تېڭ يۈەن گې مالۇيىنىڭ ئوغلى) ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسىدە غەليان كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئەۋەتمەسلىكنى تەكلىپ قىلغان. تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىش شۇنىڭدىن كېيىن توختىتىلغان. چىڭ خى ئۆزگىرىشى (842-يىلى)، يىڭ تيەنمىن ئۆزگىرىشى (866-يىلى) ئارقىلىق فۇجى ۋارا ھاكىمىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتى تازا گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا، بۇددا دىنىنىڭ تيەنتەي مەزھىپى، جېڭ يەن مەزھىپى ياپونىيىگە كىرگەن؛ <ياپونىيە يىلنامىسىنىڭ داۋامى> قاتارلىق كۆپ خىل تارىخلار تۈزۈلگەن. (2) 895 - 1015 - يىللار. 907 - 927 - يىللاردا <يەنشى ئەندىزىسى> نى تۈگىتىپ 967-يىلى يولغا قويۇلغان. قورۇق تۈزۈمى راۋاجلاندۇرۇلغاچقا، يەرنى قەرەللىك بۆلۈپ بېرىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس بولغان. فۇجى ۋارامىچىناگا (966 - 1027) سول قول ۋەزىر بولۇپ، مۇۋەققەت ھاكىملىق قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. گەرچە <يەنشىنىڭ تيەنلى يىللىرىدىكىدەك ئىدارە قىلىش> (901 - 956) دېگەن كونا گەپ بولسىمۇ، لېكىن ئارىلىقتا فوجى ۋاراسۇمى تومو توپىلىڭى، تائىرا ماساكادۇ توپىلاڭلىرى بولۇپ ئۆتكەن. (3) 1015 - 1085 - يىللار. فۇجى ۋارا جەمەتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇۋەققەت ھاكىملىق ئورنىدا تۇرغان. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر قورۇقلارنى قوشۇۋالغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى جايلاردا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەن. <تەكىي خاتىرىلىرى>، <فۇجى قوۋمى ھەققىدە ھېكايە> قاتارلىقلار. مۇشۇ دەۋردە يېزىلغان. (4) 1086 - 1192 - يىللار. ئۇلۇغ شاھ شىراكاۋا (1053 - 1129) 1086 - يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. شاھىنشاھلىق ئورنى ئارقىلىق مۇۋەققەت ھاكىملىقنى باسقان. 1095-يىلى تائىر جەمەتىنىڭ سامۇرايلىرىنى قوراللىق كۈچىنىڭ ئاساسى قىلغان. 1156-يىلى خوگېن توپىلىڭى، 1159-يىلى پىڭ جىژ توپىلىڭى يۈز بەرگەن. 1167-يىلى تائىرا كىيومورى مەمۇرىي ۋەزىر بولغان. تائىرا جەمەتىنىڭ ئومۇميۈزلۈ روناق تاپقان ەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. 1180-يىلىدىن باشلاپ فۇجى جەمەتى بىلەن تائىرا جەمەتى ھاكىمىيەت تالىشىپ، 1185-يىلى تائىرا جەمەتى يوقىتىلغان. مىناموتويورى تومو مۇھاپىزەتچى ۋە قورۇق باشلىقلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1192-يىلىغا كەلگەندە ياتلارغا يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن بولۇپ، كاما كوگرادا شوگنات قۇرغان. بۇددا دىنىنىڭ جىن تۇ مەزھىپى، لىن جى مەزھىپى جۇڭگودىن تارقىلىپ كىرگەن. پۈتكۈل خېيئان مەزھىپى جۇڭگودىن تارقىلىپ كىرگەن. پۈتكۈل خېيئان دەۋرىدە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشتىن تەدرىجىي ھالدا ياپونىيىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىنى يارىتىشقا يۈزلەنگەن. Ⅸ ئەسىردىن باشلاپ ياپون ھەرپى قوللىنىلغان، خەنزۇ يېزىقى بىلەن ياپون يېزىقى ئارىلىشىپ كەتكەن يېزىق شەكلى تەدرىجىي ئەۋج ئالغان.