Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
平安京
دۇنيا تارىخى
خېياكىيو
ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى يەنى بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرى. مىلادى 784-يىلى (يەنلى 3-يىلى) تېننوكاممۇنارادىن تاغلىق شەھەر ناگائوكاكىيو (بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرىنىڭ غەربىدە) غا كۆچكەن، ئارقىدىنلا گېيېدا يېڭى پايتەخت قۇرۇپ، <ئەمىنلىك شاد ماكان> بولۇشىنى تىلىگەن. شۇڭلاشقا خېياكىيو (تىنچ ئوردا) دەپ ئاتالغان. پايتەخت شەھىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەن ئەندىز قىلىنغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 4.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5.3 كىلومېتىر بولغان قۇرۇلۇش پۈتمەي تۇرۇپلا، 794-يىلى (يەنلى 13-يىلى) پايتەخت بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. ⅤⅢ ئەسىرىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقىت تارىختا ئەمىنىيىلىك دەۋر دەپ ئاتالغان. مىيجى ھۆكۈمىتى پاپايتەختنى توكيوغا يۆتكىگىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا باشتىن - ئاياغ ياپونىينىڭ پايتەختى بولغان.