Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پيدنا جېڭى
دۇنيا تارىخى
皮得纳战役
pí dé nà zhàn yì
قەدىمكى رىمنىڭ ماكېدونىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. ئىككىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 200 - 197) دىن كېيىن، رىم بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان. ماكېدونىيە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن، ئىمپېراتور پېرسېئوس (پىلىپپوس Ⅴ نىڭ ئوغلى) رىمغا قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغان. مىلادىدىن 171 يىل ئىلگىرى رىم سىناتى ماكېدونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. بۇ ئۈچىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇش ئۈچ يىل داۋاملاشقان. مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى پيدنا دېگەن جايدا بولغان ھەل قىلغۇچ جېڭدە، پېرسېئوس رىم ئىمپېراتورى پائۇلۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى 229 - 160) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، سامونداكى ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالى) غا قېچىپ كېلىپ، ئارالدا تەسلىم بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن (كېيىن رىم تۈرمىسىدە ئۆلگەن)، نەتىجىدە، ماكېدونىيە تۆت رايونغا بۆلۈۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا، رىمنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.