Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىيالە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېمەك _ ئىچمەكلىكلەر ئۇسىدىغان قاچا، ئادەتتە ئاغزى كەڭرەك، تۈۋى تارراق، دۈگىلەك بولىدۇ.
بىر چىنە ئاش يېيىشكە بىر چىنە تەر تۆك. دېڭىزغا بىر پىيالە سۇ قۇتۇش _ بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك. سىركايە بولسىمۇ سىرىڭنى ئېيتما. ئاپقۇر، ئاپقۇردا چاي كەلدى، داستىخانغا ۋاي بولدى.گەردىن چىنە، ئەتكەن چاي، ياغلىق توقاچ، قورساق ئاچ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كىچىك قاچا، چىنە.
«قەدەھ كۆتۈرمەك» رەسمىي سورونلاردا، «رومكا سوقۇشتۇرماق» ئاددىي ئولتۇرۇشلاردا دېيىلىدۇ.
«باكال» پىۋا ئىچىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراقكەشنىڭ بايلىقى - قەدەھ. قەدەھتە ئۆلگەن دېڭىزدا ئۆلگەندىن جىق. ھەي ئىنسان، قولۇڭدا پەۋەس تولغان جام، ۋەسۋەسىدىن تىنماس دىل، بىسەرەمجان. مەست قولىغا چۈشسە پىيالە، ئەسىلا ئۇنى سۇندۇشنى كۆرمەيدۇ راۋا. كىشىلەر « سالاپەتلىك ئۈچۈن» دەپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىدۇ. پىۋا ئىچتۇق باكالدا، خار بولمايلى ئۆز ماكاندا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە<گرېكچە
تۈۋىدىن يۇقىرىغا قاراپ كېڭەيگەن، قورسىقى كىچىك بولىدىغان كىچىك چىنە؛ چاي چىنىسى (ئاساسەن چاي ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).