Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىيادە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاقسىز، قاتناش قورالسىز.
پىيادىلەر يولى. پىيادە ئەسكەر. قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە. ياياق كىشىگە يانچۇقمۇ ئېغىر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئات - ئۇلاغ، قاتناش قورالىسىز. پىيادە، ياياق ئادەم.
ئاتچان، ئاتلىق
ئات مىنگەن، ئاتچان، ئاتلىق ئادەم.
ئاتچان ئاتىسىغا باقماپتۇ. ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرمەك. پىيادىنىڭ ئېتى چورۇق، كۈچى ئوزۇق. قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە يۈر ئۆلگۈچە. ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس. يىگىتنىڭ ياخشىسى پىيادە يۈرسىمۇ ئاتلىقتەك. ئاتلىق ئەپكەتكەننى پىيادە ياندۇرۇپ كېلەلمەمدۇ؟ ياياققا يانچۇقمۇ ئېغىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
رەۋ. قاتناش قورالسىز، ئۇلاغسىز، ئۆز ئايىغى بىلەن، ياياق.
پىيادە يۈرمەك.
ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ (ماقال).
ئى. كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ قاتناش قورالسىز، ئۇلاغسىز يول يۈرىدىغان كىشىنى بىلدۈرىدۇ.
پىيادىلەر يولى.