Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەشتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاستى كەڭ، ئۈستى ئۈچلۇق قىلىپ ئېگىز سېلىنغان قۇرۇلۇش.
<پەشتاق> ئادەتتە چوڭ خانىقالار ئالدىغا سېلىنىدۇ.
ئەجىر قىلىپ سېلىنغان مۇنار ئۆرۈلمەس. تۇرپان ئىمىن ۋاڭ مۇنارى ئۇيغۇر مېمارچىلىقىنىڭ بىر ئۈلگىسى. ئالتۇن پەشتاق ئۆيۈڭدىن كۆڭلۈمنىڭ تىنچلىقى ياخشى. قەشقەر ھېيتگاھنىڭ پەشتىقى ناھايىتى نەپىس سېلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىنالارنىڭ ئالدى تەرىپىگە، ئالدى كۆرۈنۈشىگە چىقىرىلغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلما.
خانىقا ۋە مەسچىتلەردىكى مەزىن ئەزان ئېيتىدىغان، ھېيت - ئايەم، مۇراسىم كۈنلىرى ناغرا - سۇناي چالىدىغان جاي.
ئېگىز كۆتۈرۈلگەن پەلەمپەيلىك سۇپا؛ پەلەمپەينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى.
پەشتاق ياسىماق. پەشتاق سالماق.
ئايرودرومدىكى ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشىدىغان، خەۋەرلىشىش ئورنى. شەكلى مۇنارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا رادىئو خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.