Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى، بەلگىسى (،)، جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەر، قوشما جۈملىدىكى بېقىندى جۈملىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قويۇلىدۇ.
پەش جايىدا قويۇلمىسا خاتالىق يۈز بېرىدۇ. سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ: تۇرسۇن توختى _ تۇرسۇن، توختى ۋە باشقىلار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چاپان، كۆينەكلەرنىڭ ئالدى تەرىپى، ئېتەك قىسمى.
ئىچ ەش. * تاش پەش. * پېشىنى تۇتماق، پېشىغا ئېسىلماق. * پېشىنى قاقماق، پېشىنى تارتىپ قويماق. * پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماپتۇ (ماقال). پەشنى قاققان ئەمگەكتىن، قۇتۇلالماس مەينەتتىن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
لوق گۆش، كۆپىنچە دۈمبە گۆش.
پەشلىمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق.
مۈشۈكنى قوغلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
توخۇسىنى تاخ دېمە، مۈشۈكىنى پەش دېمە (ماقال).
«پەش» تىن بىر تۇيۇق:
خېتىڭدا مەن ھەمراھ بولاي چېكىت، پەش،
تاماقتا يېگىن، ھەم بولاي ياغۇپەش،
تەقدىرىمدۇر، ساڭا خاس ھاياتىم،
مەيلى ھەم چاپانغا بولۇپ قالساممۇ پەش.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاپان، كۆڭلەكلەرنىڭ ئالدى تەرىپى.
تاھىر پەشنى قېقىپ چىقىپ كېتىپتۇ. پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماپتۇ. پۇچقاقتىن يەل بەرمەك. ئىت ئېتەكتىن ئالىدۇ. خوتۇن ياقىدىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى. جۈمىلىدىكى تەڭداش بۆلەكلەر ۋە قوشما جۈمىلىدىكى بېقىندى جۈمىلىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. بەلگىسى: «،».
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
مۈشۈكنى قوغلاش - ھەيدەش ئىماسى.
مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تىلشۇناسلىق
جۈملىدىكى تەڭداش تەركىبلەر ۋە قوشما جۈملىدىكى تارماق جۈملىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تىنىش بەلگىسى (،).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
<قىلماق> ياردەمچى پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ: بىرەر ئىش ياكى بىرەر ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆرەڭلىمەك، ماختانماق، ئۇنى دەسمايە ۋە مىننەت قىلماق.
قەيەرگە بارسا ئۆزىنىڭ <بىلىم> ى توغرۇلۇق ماختىنىپ، بۇرۇنقى ئورنىدا ياشلىق بولغانلىقىنى پەش قىلدى.
بىرەر نەرسە بىلەن باشقىلارغا دوق قىلماق، پوپوزا قىلماق.
بۇ قېرىلار ياش ۋاقىتلىرىدىكى تۆككەن تەرلىرىنى ئەسلىتىپ، ساقاللىرىنى پەش قىلىپ، كىچىك ئاخۇن تەرەپ بولدى.
بىرەر ئىش، بىرەر نەرسىگە مەيلى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەك؛ تۈزت قىلماق، ناز قىلماق.
ھېزىم لام - جىم دېيەلمەي، تۇرغان جايىدا تۇرۇپ قالدى، ئۇ بەختىگۈلنىڭ نازلىنىپ پەش قىلىۋاتقانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چاپان، كۆڭلەك قاتارلىق كىيىملەرنىڭ ئالدى تەرىپى؛ ئېتەك قىسمى.
چاپاننىڭ پېشى.
دۈمبە ئەتراپىدىكى ماي ئارىلاش جاي.
پەش گۆش.