Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەر
دۇنيا تارىخى
ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، فرانسىيىنىڭ ئىتالىيە قاتارلىق يېقىن ئەتراپىدىكى رايونلاردا قۇرغان ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن، يېقىن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ئىنقىلابىي ھەرىكەت يۈكسىلىپ، كەينى - كەينىدىن جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە فرانسىيىگە بېقىنغانلىقتىن پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەر دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا باداۋېرىيە جۇمھۇرىيىتى (1795 - 1806)، ئۇ ھازىرقى گوللاندىيە زېمىنى ۋە بېلگىيە زېمىنىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ لىگورىيە جۇمھۇرىيىتى (1797 -1805) فرانسىيە چېگرىسى بىلەن لۇككا كىنەزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ياقىسى زوناسىغا جايلاشقان. جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزى گېنۇيە شەھىرى؛ شىسارىپىن جۇمھۇرىيىتى (1797 - 1802)، ئۇچىسپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى قوشۇلۇپ قۇرۇلغان. كېيىن ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن (1802 - 1805)، ئۇ ھازىرقى ئاپپىننىن يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزى مىلانو. خېرىۋشىيە جۇمھۇرىيىتى (1798 - 1803)، ھازىرقى شۋېتسىيىگە جايلاشقان؛ رىم جۇمھۇرىيىتى(1798 - 1799)، ئاپپىننىن يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان؛ پادىننوپا جۇمھۇرىيىتى (1799 - يىلى 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە) نېئاپول رايونىغا جايلاشقان. پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى زېمىنىنى قوغداپلا قالماستىن، بەلكى فرانسىيىنى كۆپ مىقداردىكى ئاشلىق ۋە ئەسكەر بىلەن تەمىنلىگەن. ناپولېئون پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەردىن كۆپلەپ ئەسكەر ئېلىپ،قاقتى - سوقتى ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى شۇ رايونلارنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋىتىنى يوقىتىش ۋە بۇرژۇئا قانۇنچىلىقىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق بولغان.