Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەرزەنت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلاردىن تۆرەلگەن ئەۋلاد.
«پەرزەنت» ئادەمگىلا خاس.
ئاقمايدۇ بالا ئالدىدا ئاتا سۆزى «ھالۋا يېمە» دېسە ئۆزى يەپ تۇرۇپ. بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس. بالاڭنى ئايساڭ بالاغا قالىسەن. بالىنى بىر تاپىسەن، ئىككى باقىسەن. بالىنىڭ بالىسى بالىدىن تاتلىق. قارغا: بالام ئاپئاق، كىرپە: بالام يۇمشاق. پەرزەنت كۆرمىگەنمۇ يىغلار، پەرزەنتى يامانمۇ يىغلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن ئوغۇل ياكى قىز بالا؛ ئەۋلاد.
پەرزەنت كۆرمەك. پەرزەنتكە تەشنا بولماق.
كۆچمە. ئۆز ۋەتىنى ياكى خەلقىگە مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان كىشى.
خەلق پەرزەنتى.
پەرزەنت قوشۇن.