Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەن تىڭفېڭ
دۇنيا تارىخى
(1847 - 1896) ۋيېتنامنىڭ پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئوردا ئەمەلدارى بولغان. پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتىدە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان. ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان شياڭشى (خېجىڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان)قوزغىلىڭى (1885 - 1896)غا رەھبەرلىك قىلغان، خېجىڭ، يىئەن، چىڭخۇا، گۇاڭپىڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە فرانسيە مۇستەملىكىچىلىرىگەزەربە بەرگەن. 1896 - يىلى 1 - ئايدا ئارمىيىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. قوزغىلاڭ ئۇزۇن ئۆتمەي باستۇرۇلغان.