Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىلىم، ئىلىم - بىلىم.
تەبىئىي پەنلەر، ئىجتىمائىي پەنلەر. * پەنلەر ئاكادېمىيىسى. * پەنلەر دوكتورى. * پەن تەتقىقاتى. * پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى. * پەن _ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاختاي، شال.
پەن زاۋۇتى. * پەن تىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىلىۋېلىنغان نېپىز ۋە ئۇزۇنچاق ياغاچ.
«پەن» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ. خەنزۇچە: 板
ئېگىلىدىغان تاختاي سۇنمايدۇ. سېسىغان شال مىخ تۇتمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىش ۋە تەجرىبە.
بىلىم _كۈچ. بىلىم _ خورىماس بايلىق. بىلىم _ ئەقىلنىڭ چىرىغى. ئەقىلغە ئىلىم بىلەن بەرگىن ياردەم، ئەقىل بۇ ئىلمگە خېرىداردۇ ھەر دەم. پەندە تۈپتۈز يول يوق. پەن ھەربىر كىشىدىن جىددىي ئىشلەشنى ۋە يۇقىرى قىزغىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» قۇتىدىغا بىلىم دېمەكتۇر. مەلۇمات كىشىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. مۇھەببەتنى ساۋات بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس، ساۋات _ ئىلىم ئاساسى، ئىلىم _ ھايات كۆزى، ھايات تەلەپ قىلساڭ بۇ ساۋات ئۆزى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەلسەپە
تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتە تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىلىملەر سىستېمىسى.
پەن تەتقىقاتى.