Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىچىنچا جېڭى
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. بۇ جەڭ ئېكۋادورنىڭ كىتو دېگەن يېرىنىڭ يېنىدىكى پىچىنچا يانار تېغىنىنىڭ قاپتىلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1821-يىلى بولىۋار كولۇمبىيىدىن سۇكرېنى قوشۇن باشلاپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازىسى - ئېكۋادورغا ھۇجۇم ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. سۇكرې ئالدى بىلەن پېرۇدىن ياردەمگە كەلگەن ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بەرگەن ھەمدە مۇستەمىلىكىچى ئارمىيىنى پىچىنچا يانار تېغى قاپتىلىغا قاپسىۋالغان. سان مارتىنمۇ گېنېرال سانتاكرۇس (1792 - 1865 - يىللار) نى قوشۇپ باشلاپ، پېرۇنىڭ شىمالىدىن سۇكرېغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن. 1822 - يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىسپانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىنغان، 24-كۈنى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغان. ب قېتىمقى جەڭ قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ كىتونى ئازاد قىلىشى ۋە ئىسپانىيە كۈچىنى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىن پۈتۈنەلي قوغلاپ چىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرت - شارائىت يارىتىپ بەرگەن.