Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىچىم
شىۋىلەر
كېسىم، باھا؛ تەقدىر؛ بوي - تۇرۇق، جۇغ، پىگۇرا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پىچىم، تىلىم.
بىر پىچىم قاغۇن _ بىر تىلىم قوغۇن. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
1 - 513
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
رەختىنىڭ كىيىمگە ئۆلچەپ كېسىلىشى؛ پاسون.
بۇ بۇشىمنىڭ پىچىمى ياخشى بوپتۇ.
كۆچمە. تاشقى كۆرۈنۈش، قەددى - قامەت.
پىچىمى كېلىشكەن يىگىت.
مەن ئۇ قىزنىڭ خۇش پىچىم قاملاشقان قامىتى. يېقىملىق مىجەزى، قول ھۈنەر، خىسلەت - پەزىلەتلىرىنى ئۈلگە، ئۆرنەككە لايىق قاملاشتۇرۇپ يارىتىپ قويغان تەبىئەتكە تەھسىن ئېيتىمەن.
كۆچمە. توختىتىلغان، بېكىتىلگەن باھا؛ نەرخ.
شەمسىدىن قورۇ - جاينىڭ پىچىمىنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپلا كەتتى.