Uyghurئاساسىي لۇغەت
پائۇل بونكۇر
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1972) فرانسىيە زۇڭلىسى (1932 - 1933). پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1898 - 1902 - يىللىرى زۇڭلىنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى بولغان. 1909-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1911-ىلى ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1931-يىلى پارتىيىدىن ئايرىلىپ، باشىدىن سوتسىيال جۇمھرىيەتچىلەر ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى قۇرغان. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى (1932)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1933 - 1934، 1938)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1936) قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. 1924 - 1926 - يىللىرى خەلقئارا ئىتىتپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. 1932 - 9361 - يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، فاشىست گېرمانىيىنى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىەە تەسلىم بولۇشقا ۋە ھاكىمىيەتنى پېتاينغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇرغان. 1940 - 1944 - يىللىرى ئامېرىكىدا سەرگەردانلىق تۇرمشۇ كەچۈرگەن. 1945-يىلى فرانسىيە ۋەكىلى سۈپىتىدە سان فىرانسىسكودا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش يىغىنىغا قانتاشقان. 1946 - 1948-يىللىرى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇنىڭ <ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا> دېگەن ئەسىرى بار.