Uyghurئاساسىي لۇغەت
پائىنىي
دۇنيا تارىخى
(1737 - 1809) ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سىياسىي ئوبزورچى. بۇرژۇئا دېموكراتچىسى ۋە مەرىپەتچى. ئەنگىلىيە دىنداشلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە دادىسى بىلەن بىللە سوداقىلغان، مۇنتىزم تەربىيە كۆرمىگەن. 1774 -يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. فرانكلىننىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن، فىلادېلفىيىدە چىقىدىغان <پېنىسلۋانىيە ژورنىلى>نىڭ تەھرىرى بولغان. 1776 - يىلى <ساۋات> دېگەن كىتابچىنى چىقىرىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى دەرھال ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتولۇپ مۇستەقىل بولۇشقا چاقىرغان، ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھەربىي سەپكە كىرگەن. 1777 - يىلى 4 - ئايدا چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى تاشقى ئىشلار كومىتىتىنىڭ كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن پېنىسلۋانىيە شتاتلىق پارلامېنتتا ئىشلىگەن. 1787 - يىلى ئەنگىلىيىگە بارغان، كېيىن فرانسىيىگە بېرىپ فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئۆزىنى دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ ئەلچىسى دەپ ئاتىۋالغان. 1792 - يىلى فرانسىيە مىللىي ئۇيۇشمىسىغا سايلانغان، ئۇ سىياسىي جەھەتتە گىروندىچىلارغا مايىل بولغان. ياكوبىن دىكتاتورىسى مەزگىلىدە قامالغان. قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن يەنىلا فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، 1802 - يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ بارغان، كېيىن پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشىگە ئارىلىشىپ قېلىپ، ھوقۇق تۇتقان ئىتتىپاقچىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. <كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا>، <ئەقلىي دەۋر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.