Uyghurئاساسىي لۇغەت
پارلامېنت ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىردە ئەنگلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىملىق پارلامېنت ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. ئۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت بۇرژۇئاسىيىسىنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش ، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا يەر ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان سىياسىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى. پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈچ قېتىم چوڭ ئىسلاھاتا ئېلىپ بېرىلغان. (1) 1832-يىلىدىكى پارلامېنت ئىسلاتى. بۇرژۇئازىيىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك سىياسىي بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلىرى خويگ پارتىيىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، خەلق ھەرىكىتىنىڭ داغدۇغىسىدىن پايدىلىنىپ، نامايىش قىلىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردىكى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ پارلامېنتنى 1832-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاشقا مەجبۇر قىلىپ، 56 <خارابلاشقان سايلام رايونى> (ئورنى يېزىلارغا جايلاشقان، ئاھالىسى بولمىان، پومېشچىكلار پارلامېنت ئەزالىرىنى تەيىنلەش ئەۋەتىدىغان سايلام رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ) نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. (2) 1867-يىلدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتى ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سانائەت بۇرژۇئازىيىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي ھۆكۈمرانلىققا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىياتمۇ ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك كۈرەش ئېلىپ بارغان. مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتى 1867-يىلى يېڭى سايلام قانۇنىنى ماقۇللاشقا مەجبۇر بولغان، سايلىغۇچىلارنىڭ سانى بىرم ىليوندىن ئارتۇق كىشىدىن ئىككى مىليون 500 نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە بىر قىسىم ئىشچىلار سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. (3) 1884-يىلىدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتى. جوزېف چېمبېرلېن ۋەكىللىكىدىكى لىبېراللار گلادىستون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ماقۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ۋە ئۇششاق ئىجارىكەشلەرنى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان.