Uyghurئاساسىي لۇغەت
پارلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پارلىماق، پارلاش. چاقنىماق، نۇر چاچماق.
قۇياش سۈزۈك ئاسماندا پارلىدى.
كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى قەلبىم يايرىدى،
ئىلھام جۇش ئۇرۇپ، بەختىم پارلىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پارلىماق، پارلاش. 1 . خىللىماق، تۈرلىمەك، ئىلغىماق، تاللىماق.
ئۈزۈم پارلىماق. * ئۇرۇق پارلىماق. * ئۈگۈت پارلىماق.
2 . جۈپلىمەك. ئاياغلارنى پارلاپ قويۇڭلار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
نۇچاچ، يورۇت، داڭق چىقار، تونۇل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
نۇر چاچار، يورۇقلۇق بېرەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
نۇر چاچ، يورۇت؛ داڭق چىقار، ئەلگە تونۇل.